شىنجاڭ مېڭە پارالىچ كېسىلى بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە
كەلتۈرۈش مەركىزى ئازادلىق ئارمىيە 474- دوختۇرخانىسى( ھاۋا
ئارمىيە ئۈرۈمچى دوختۇرخانىسى) ۋە شىئەن مېڭە كېسىلىنى جۇڭيىچە
داۋالاش دوختۇرخانىسى مېڭە پارالىچ كېسىلى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە
كەلتۈرۈش- داۋالاش مەركىزى بىلەن تېخنىكا ھەمكارلىقى ئاساسىدا
2006- يىلى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار
بىرلەشمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان مېڭە پارالىچ كېسىلىنى
داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەتقىقات ئاساسى
كەسىپ قىلىنغان داۋالاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
ئورگىنى بولۇپ. مېيىپلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، چېگرا رايون
خەلقىگە بەخت ئېلىپ كېلىش، شىنجاڭ مېڭە پارالىچ كېسىلى بالىلىرىنىڭ
سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە
قۇرۇلغان مېڭە پارالىچ كېسىلىنىڭ ئالدىن ئېلىش تەربىيىسى شۇنداقلا
سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالاش سۇپىسىدۇر.
مېڭە پارالىچ كېسىلى بالىلارنىڭ مېيىپلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان
ئاساسلىق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە،
%40 مېيىپ بالىلارنىڭ كېسىلى مېڭە پارالىچ كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئىكەن. مېدىتسىنا پەن- تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا
ئەگىشىپ، ئاي- كۈنى توشماي بالدۇر تۇغۇلغان بالىلار، بەدەن
ئېغىرلىقى تۆۋەن بالىلار قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇغۇلغان
بالىلارنى قۇتقۇزۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىش بىلەن بىر
ۋاقىتتا مېڭە پارالىچ كېسىلى بالىلىرىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتىمۇ
ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا، بىراق ئىنسانىيەت ياشاش مۇھىتىنىڭ
كۈنسايىن ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا
مېڭە پارالىچ كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يەنىلا يىلدىن- يىلغا
ئېشىپ بېرىش ھالىتىدە تۇرماقتا. جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى
ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە،
مەملىكىتىمىزدىكى بالىلارنىڭ مېڭە پارالىچ كېسىلى قوزغىلىش
نىسبىتى ئۆرلەپ ‰14 كە يەتكەن، ھازىر مېڭە پارالىچ كېسىلى
بالىلار سانى 6 مىليوندىن ئاشتى، شىنجاڭدا مېڭە پارالىچ كېسىلى
قوزغىلىش نىسبىتى ئۆرلەپ 1.5-5‰ غا يەتكەن بولۇپ، 100 مىڭغا
يېقىن مېڭە پارالىچ كېسىلى بىمارلىرى بار. مېڭە پارالىچ كېسىلى
ئوخشىمىغان دەرىجىدە مېڭە يېتىلىشى كەمتۈك، كۆرۈش سېزىمى توسالغۇغا
ئۇچراش، ئاڭلاش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچراش، ھېسسىي سېزىمى ۋە
چۈشىنىشى بىنورمال بولۇش، تىلى توسالغۇغا ئۇچراش، تۇتقاقلىق،
چىش ئىقتىدارلىرى توسالغۇغا ئۇچراش، كەيپىيات ھالەتلىرى توسالغۇغا
ئۇچراش، سۆڭەك ۋە بوغۇملىرى يېتىلىشىدىكى غەيرىي بىنورماللىق،
بەدەن قۇرۇلمىسى يېتىلىشى پاسسىپ بولۇش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك،
ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن
بىرلىشىپ، بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاپاتلىرىغا ، جەمئىيەتكە
ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مېڭە پارالىچ كېسىلى
بىمارلىرىنى داۋالاش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرقايسى
مېيىپلار بىرلەشمىسى، داۋالاش ۋە مائارىپ قاتارلىق نۇرغۇن
ساھە دىققەت قىلىدىغان مۇھىم تېما بولۇپ قالدى.
شىنجاڭ مېڭە پارالىچ كېسىلى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
مەركىزىنىڭ داۋالاش ياتاقلىرى 1500 كۋادرات مېتىر بولۇپ، 50
كە يېقىن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە داۋالاش كەسپىي
تېببىي خادىملىرى سەپلەنگەن. بالنېست ۋە ئامبۇلاتورىيىسىمۇ
بار، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىمارلار
ئىشلىتىدىغان ئوچاق شۇنداقلا مىللىيچە بالنېستلىرىمۇ بار بولۇپ،
شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئەسلىھەلىرى تولۇق مېڭە
پارالىچ كېسىلىنى مەخسۇس داۋالاش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. 《 مەركەز》دە
تەنھەرىكەت، تىل، مەشغۇلات ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى، ھېسسىيات
بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مەشىق قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە
ئارقىلىق داۋالاش، ئوتتۇرا چاستوتالىق فىزىكىلىق داۋالاش،
ئالاھىدە تەربىيە، يېتەكلەش تەربىيىسى، بالىلارنىڭ پسىخىكىسىدىن
مەسلىھەت ۋە باھالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى يولغا قويغان
بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت چۈشىنىش تەربىيىسى، ئويۇنچۇقلاردىن شەكىل
تۈزەش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش، ئۇۋىلاش، جۇڭيى دورىلىرىدا ئىسلاش،پەللىگە
ئوكۇل سېلىش، پەللىگە يىپ تارتىش، خىمىيىلىك نېرۋىنى ئۈزۈش
تېخنىكىسى، مىكرو ئېلېمېنتلارنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، جۇڭيى دورىلىرىنى
ئىچىش، سىرتتىن سۈرۈلىدىغان دورىلار، سىرتتىن يۇيۇلىدىغان
دورىلار قاتارلىق تۈرلەر بويىچە داۋالاشنى يولغا قويغان، 《
مەركەز》دە مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك ۋراچ مۇتەخەسسىسلەر ئۇزۇن
مۇددەت كېسەل كۆرىدۇ، شۇنداقلا قەرەللىك ھالدا مەملىكەتتىكى
داڭلىق مېڭە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىش بىلەن
تەڭ، يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىئاگنوز قويۇش ۋە دەسلەپكى
مېڭە كېسەللىكلىرى ساغلاملىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىمۇ قانات
يايدۇردى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 《 مەركەز》 دە يەنە مېڭىگە
سۇ يىغىلىش، مېڭە يىگىلەپ قېلىش، مېڭە يېتىلىشى يېتەرلىك بولماسلىق،
مېڭە خالتىلىق ئىششىقى، بالىلاردىكى كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئەقلى
ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، مېڭە ياللۇغى شۇنداقلا مېڭە تاشقى
يارىسى كېسەللىك ئاسارىتى قاتارلىقلارغا قارىتا سالامەتلىكنى
ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالىشىنىمۇ يولغا قويغان.
ھاياتلىقتا ئۈمىد بار، ئەڭ ئاخىرقى تىنىقى قالسىمۇ، ئۇنىڭدا
يەنىلا ئۈمىد بار... مېڭە پارالىچ كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ساقىيىشىغا
ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى جەمئىيەتنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىپ،
ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايلى، بۇ ھەر بىر مېڭە پارالىچ بىمارلىرى
ئائىلە تاۋاپاتلىرىنڭ گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرى بولۇپلا قالماي
يەنە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر.
جان- دىلىمىز بىلەن مېڭە پارالىچ كېسىلى بىمارلىرى ئۈچۈن
خىزمەت قىلايلى!
24 سائەتلىك مەسلىھەت سوراش قىزىق
لىنىيىسى:5954805 - 0991
ئالاقىلەشكۈچى : چى دوختۇر
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي بېيجىڭ يولى 26- نومۇر(
ئازادلىق ئارمىيە 474- دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمى بىناسى
بىرىنچى قەۋىتى)
شىنجاڭ مېڭە پارالىچ كېسىلى بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە
كەلتۈرۈش مەركىزى
ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسى مېڭە كېسەللىكلىرى سالامەتلىكنى
ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى
چى پېيروڭ مۇدىر
پوچتا نومۇرى: 830011
0991-5954805تېلېفون:
يانفون: 13999204789
E-mail: wlmqfb@163.com
ئاپتوبۇس لىنىيىلىرى: 2، 25، 54، 56، 152، 525، 535- يول
ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ مالىيە- ئىقتىساد ئىنستىتۇتى بېكىتىدە
چۈشسىڭىزلا يېتىپ بارىسىز.
ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، مېڭىمىزنى قوغدايلى!
|